Uyghur主要词典
ھەلقۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
= ھەلق.
نېچۈك ئەيلەي بۇرادەرلەر بولۇپ مەن دەرد ئىلە ھەيران،
يېتىپدۇر ھەلقۇمە جانىم، ماڭا يوق مېھرىبان ئەمدى.
مەشرەب.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاماق يولىنىڭ يۇقىرى قىسمى.
ئات ئايىغىدىن، ئەر گېلىدىن كېتىدۇ. بوغۇزىڭدىن بوغۇزلايمەن، - دەپتۇ ئۇنىڭغا رەقىبى، تاماق بېرىپ تامىقىدىن ئاپتۇ. كېكىردىكىڭنى كەرمە. ئاچ بۆرە ھەلقۇمدىن ئالار. جان تۇمشۇققا (ھەلقۇمغا) كەلگەندە سۈرە ياسىننىڭ نېمە كېرىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوزۇقلىنىش يولىنىڭ يۇقىرى قىسمى؛ كېكىردەك، كاناي، بوغۇز.