Chinese→Uyghur主要词典
曷利沙.伐弹那
دۇنيا تارىخى
خارشا ۋاردانا
(590 - 647) يەنە بىر نامى شىلادتىيا. ھىندىستانىدكى خارشا ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەختتىكى مەزگىللىرى (606 - 647) شىمالىي ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەختنى كانوكوبجا شەھىرىگە كۆچۈرگەن. مەمۇرىي سىستېما بەرپا قىلغان. مەدەنىيەت - سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان، ئۆزى <ئەجدىھا مەستانىسى>، <ئاشىقلىق> ۋە <ئۈنچە - مەرۋايىت> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم شېئىرلارنى يازغان. دىنغا قارىتا يول قويۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىدە خەير ئېھسان قىلغان. جۇگو تاڭ سۇلالىسى راھىبى شۈەنزاڭ ھىندىستانى زىيارەت قىلغاندا خاراشانىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. مىلادى 641 - يىلى (تاڭ سۇلالىسى جېنگۈەننىڭ 15-يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. تاڭ سۇلالىسىمۇ ۋاڭ شۈەنسى، جياڭ شىرىنلارنى ھىندىستانغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇلار ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەندە خاراشا ۋاردانا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.