Uyghur主要词典
ھەيرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەيرانلىق، داڭ قېلىش، بىرەر نەرسىگە ئەقلىنىڭ يەتمەسلىكى؛ ئىككىلىنىش، شۇبھىلنىش:
ئۇزارىڭ شەۋقىدە تۈنلەر ماڭا ھەيرەت بولۇپ ئەفزۇن،
نەۋالار ئەيلەگنچە ئەيلەي - ئەيلەي تا سەبا قىلدىم.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاڭ قالماق، ھەيران قالماق: ھەيرەتبەخش - بەك ئەجەپلەندۈرگۈچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈتۈلمىگەن نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارغا ئۇچرىغاندا سېزىلىدىغان ھەيران بولۇش ھېسسىياتى، ھەيران بولۇش، ئەجەبلىنىش.
ھەيرەتتە قالماق.