Uyghur主要词典
ھەيكەل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەكىل، جىسىم، گەۋدە؛ كۆرۈنۈش؛
تۇمار.
ئىمارەت، بۇتخانا؛ ئىبادەتخانا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زور گەۋدە؛ كاتتا ئىمارەت، ئۇلۇغ بۇتخانا، ئىبادەتخانا؛ شەكىل، كۆرۈنۈش؛ بويۇنغا ئېسىلىدىغان تۇمار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<گ سەن> ئادەم ياكى ھايۋان گەۋدىسىنىڭ گىپس، تاش، مېتال، ياغاچ ۋە شۇ قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان تەسۋىرى.
قەھرىمانلار ھەيكىلى.
كۆچمە. نامدا بار، ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئەمەلىي ھوقۇقى يوق ئەمەلدار.
ئۇنى <ساي باشلىق> دەپ ئاغزىڭنىڭ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ھەيكەلغۇ؟!