Uyghur主要词典
ھەفىسە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(605 - 655)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى - ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى. 20 يېشىدا بۇرۇنقى ئېرى بەدرى غازىتىدا شېھىت بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەگكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەزرىتى ئۆمەر ۋاپات بولغاندا ئەبۇ بەكرى دەۋرىدە توپلاپ رەتلەنگەن <قۇرئان كەرىم> نىڭ قوليازمىلىرى ھەفىسەنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇرپ بېرىلگەن ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە مۇشۇ قوليازمىلار <قۇرئان كەرىم> نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى قىلىنغان. ھەفىسە مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.