Uyghur主要词典
ھەدىس شېرىپ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ھەدىس نەبەۋى> مۇ دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ خاتىرىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى يېزىپ قالدۇرۇلماي، ئاغزاكى رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى نۇرغۇن ساختا ھەدىسلەر پەيدا بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> بىلەن تېپىشىپ ئەھكام چىقىرىشتا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مۇھەددىسلەر تارقىلىپ يۈرگەن ھەدىسلەرنى توپلاپ، تۈزۈپ چىقتى. Ⅸ ئەسىردىن كېيىن كىتاب قىلىپ كەڭ تارقاتتى. ھەدىسلەرنى ئىسناد (ھەدىسنىڭ تارقىلىش نەسەبى) ۋە ئاساسىي قىسمى (مەزمۇنى) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىدى. ئادەتتە ئىسنادنىڭ مۇكەممەل ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكىگە قاراپ، مۇتتەسىل ھەدىس ۋە مۇنقەتىئ ھەدىس (ئىسنادى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەدىس) كە، مەزمۇنىنىڭ چىن ياكى چىن ئەمەسلىكىگە قاراپ <ئىشەنچلىك>، <ياخشى>، <ساختا> ۋە <ئىشەنچسىز> دىن ئىبارەت تۆت تۈرگە ئايرىدى. شەكىل تۈزۈلۈشى جەھەتتە بەزىلىرىنى رىۋايەت قىلغۇچىلار بويىچە ئورۇنلاشتۇردى. بەزىلىرىنى تېمىلار بويىچە تۈرلەرگە ئايرىدى. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەدىس نۇسخىلىرى 1465 خىلغا يەتكەن ھەمدە مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل بىننى ئىبراھىم بۇخارى، مۇسلىم ئىبنى ھەججاجلار توپلىغان ھەدىس شېرىپ ۋە تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە ئىبنى ماجەلەر توپلىغان ھەدىس شېرىپلەر <كۇتۇبى سىتتە> (ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابى) دەپ ئاتىلىپ، ئەھكام چىقىرىشتا <قۇرئان كەرىم> دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەنبە دەپ ئاتالدى ۋە شۇنداق دەپ قارالدى. شىئە مەزھىپىنىڭ ھەدىس نۇسخىلىرى 66 مىڭ خىلدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلار ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابنىڭ نوپۇزىنى ئىنكا قىلدى ھەمدە ئۆز مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار تۈزگەن ھەدىس شېرىپكە ھۆرمەت قىلدى ئۇلارنى <كۇتۇبى ئەربەئە> (تۆت ھەدىس كىتاب) ياكى كۇتۇبى خەمسە (بەش ھەدىس كىتاب) دەپ ئاتىدى.