Uyghur主要词典
ھەدىس
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز، يېڭى، خەۋەر؛ پەيغەمبەر سۆزى.
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە <تارقىلىپ يۈرگەن كەڭ - سۆز> دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسلام دىنىدە قۇرئاندىن قالسىلا مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. ھەدىستە ئىسلام دىنىنى ياراتقۇچى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتى، پائالىيىتى ۋە كۆرسەتمىلىرى بايان قىلىنغان. كەڭ مەنىدىكى ھەدىس مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ياكى ئىككىنچى ئەۋلاد ساھابىلىرىنىڭ تارقىلىپ يۈرگەن سۆز - ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىس دەسلىپىدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقالغان؛ كېيىن توپلاپ، كىتاب قىلىنغان. سۈننى مەزھىپى ئالتە خىل ھەدىس تۈزۈپ چىقىپ، بۇنى <ئۇلۇغ ئالتە ھەدىس> دەپ ئاتىغان. شىئە مەزھىپىمۇ ئۆزىنىڭ <تۆت مۇقەددەس كىتاب> نى تۈزۈپ چىققان. ھەدىس ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ۋە فىقىھلىرى توغرىسىدا <قۇرئان> دىنلا كېيىن تۇرىدىغان كلاسسىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا تارىخى
يۇقىرىقى <ھەدىس> كە قاراڭ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تارقىلىپ يۈرگەن گەپ>، <بايان قىلىش> دېگەنلىك بولىدۇ. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز - ھەرىكەتلىرىنى رىۋايەت قىلىش، ئۇلار توپلانغان كىتاب، يەنى ھەدىس شېرىپ كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەبلىغ قىلىش داۋامىدا، ئاللا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب - <قۇرئان كەرىم> نى تەرغىب قىلغاندىن باشقا، ۋەھىيگە مەنسۇپ بولمىغان سۆزلەرنى بايان قىلغان. ھەتتا ئۇنىڭ ھەرخىل يۈرۈش - تۇرۇشلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە سۈكۈت قىلغان سۆز - ھەرىكەتلىرىنى ساھابىلار رىۋايەت قىلغان. ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ كەلگەن بۇ سۆز - ھەرىكەتلەرنى كېيىنكى مۇفەسسىرلەر توپلاپ، بېكىتىپ، ھەدىسنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلدى. <قۇرئان كەرىم> دىن قالسىلا ھەدىس ئىككىنچى ئورۇندىكى كىتاب بولۇپ، ئەھكام چىقىرىش ۋە دىننى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ مەنىسى ئىنتايىن كەڭ. لېكىن، مەزھەپلەر ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار ئارا پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئىلىم - ئىلمىي ھەدىس ئىسلام دىنىدىكى شۆبە ئىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتى، پائالىيىتى ۋە كۆرسەتمىلىرى توپلىمى.