Uyghur主要词典
ھەدىيە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سوۋغا، تارتۇق، ئىنئام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەتلەپ، تەبرىكلەپ سۇنۇلغان نەرسە.
سوۋغات بەرگەنگە ئىشەنمە. سەن سوۋغىغا سېتىۋالغان دوستنى خەقمۇ سوۋغىغا سېتىۋالالايدۇ. يىللار بىزگە تەجرىبە سوۋغا قىلسا، كىتاب بىزگە بىلىم سوۋغا قىلىدۇ. تارتۇق قىممەتلىك ئەمەس، كۆڭۈل قىممەتلىك. ھەدىيە قىل، مىننەت قىلما.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <سوۋغا> دېگەنلىك بولىدۇ. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى مەسچىت، خانىقالارغا، ئاخۇن - موللىلارغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن پۇل - مال ھەدىيە قىلىپ، ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا شەرىئەتنىڭ مۈلۈكنى دەرھال شەرتسىز ۋە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، ھەدىيە تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك: (1) ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باياناتى بولۇشى؛ (2) ھەدىيىنى ئالغۇچى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى؛ (3) مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇشى كېرەك. بۇلاردىن بىرى كەم بولسا ھەدىيە ئىناۋەتسىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەرھۇمنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدىكى ھەدىيىسى مىراسنى ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىش قاتارىدا ھېسابلىنىپ، مىراس توغرىسىدىك ئەھكاملار ئاساس قىلىنىدۇ. مەسچىت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەدىيە قىلىنغان يەر ۋە مال - مۈلۈك پايدىلىق ئىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھېسابلىنىپ، ۋەخپە توغرىسىدىكى ئەھكام ئاساس قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەقدىم قىلىنغان نەرسە، سوۋغا، تارتۇق.
ھەدىيە بەرمەك. ھەدىيە قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سوۋغات، تۆھپە