Uyghur主要词典
ھەبىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەھباب. ئەھىببا. قەدىردان، دوست؛ مەھبۇبە، مەشۇقە، سۆيگىنى:
ئالىپ كەلدىم ئاندىن بۇ يەرگە سېنى،
ئەدۇ بىلمەگىل كىم، ھەبىب بىل مېنى.
ئا. نىزارى.
كۆز يۇمۇلماستىن بۇرۇن كۆرسەت جەمالىڭ، ئەي ھەبىب،
ئاق ساقالىم قار كۆرۈنۈپ قۇرتۇر قىلماقغە ھۇت.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دوست، يار، مەھبۇب، سۆيۈملۈك، دىلى بىلەن ياخشى كۆرگۈچى: ھەبىبۇللا - خۇدانىڭ دوستى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەبىپ، ھىبىپ
دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك