Uyghur主要词典
ھە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
<شۇنداق> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.
- شەھەرگە باردىلىمۇ؟
- ھا، باردىم.
- ھەئە، باردىم.
- ھە، باردىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي جاۋاب.
ياق، يوقسۇ، يوق
ئىنكار جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
سوئال جۈملىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قارىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ھە، نەدىن كېلىۋاتىسەن؟
بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەلەپ ھاسىل بولغانلىقىنى ياكى ئىشنىڭ مۇۋاپىق تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھە، ئەمدى قورساق تويدى.
ھە، بۇ ئىشىڭ يارايدۇ.
بۇيرۇق - تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، شۇ ئىشقا نۆۋەت كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھە، ئەمدى ماڭايلى.
ھە، ئەمدى سۆزلە.
بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، چۈشەنگەنلىك، ئېسىگە ئالغانلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ھە... ئېسىمگە كەلدى.
ھە... سىز ئىكەنسىز- دە!
بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، چۆچۈگەنلىك ياكى ئېنىق ئاڭلىمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ھە؟ كەلمىدى؟ - ھە؟! - ئۆمەرجان ئورنىدىن سەكرەپ تۇرىدۇ.
بىرەر ئىشقا زورلاش، ئۈندەش رولىنى ئوينايدۇ.
ھە، قەغەز ئال، ياز:<پۇلغا ساتمايمىز>، يازدىڭمۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
جۈملىنىڭ Ⅱ شەخس بايان مەيلىدىكى خەۋىرىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ، سوئال مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ ئىسمىمۇ چىرايلىق ئىكەن - ھە؟
يېڭى چۈشەنگەنلىك ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇ ئىشقا خاپا بولغان ئىكەنسەن - ھە!
ئەسلەۋاتقانلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەزرەتلىرى ئۈچ ئىشنى ياخشى كۆرىدىلا: بىرىنچى پۇل، ئىككىنچىسى پادىشاھنى، ئۈچىنچىسى، ھە....خېنىمنى.
يېڭى ئەسكە ئالغانلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ھە توغرا، سىز ھېلىقى مېنى <كۆك لازا> دەپ تىللىغان بالىغۇ، راستمۇ.
<ھەئە> نىڭ رولىدا ئىلىك ئېلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
- قاسىمنى كۆردۈڭمۇ؟ - ھە، كۆردۈم.
- بازارغا بارامسەن؟ -ھە.
بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ، سۆزلىگۈچىنىڭ شۇ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش ھەرىكەتكە بولغان ھېس - تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ دەريا نېمىدىگەن تېز ئاقىدۇ - ھە!