Uyghur主要词典
ھاۋا تۆشۈكىنىڭ ھەرىكىتى
بىئولوگىيە
ھاۋا تۆشۈكىدىكى قوغدىغۇچى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدىكى سۇنىڭ ئۆزگىرىش بىلەن ھۈجەيرىنىڭ كۆپۈش بېسىمىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھاۋا تۆشۈكىنىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشى ھاۋا تۆشۈكىنىڭ ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ھاۋا تۆشۈكىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنىڭ سەۋەبى؛ ھاۋا تۆشۈكى قوغدىغۇچى ھۈجەيرىسى تەركىبىدىكى فوسفاتازا يورۇقلۇق بولغاندا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ سىنتېتىك قەنتكە ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىنىڭ PH قىممىتى ئۆرلەيدۇ؛ فوسفاتاز PH قىممىتى 1.6 - 3.7 بولغاندا كراخمالنى گىدرولىزلاپ قوغدىغۇچى ھۈجەيرىنىڭ ئېرىگۈچىلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۇ پوتېنسىئالى تۆۋەنلەپ ئەتراپتىكى ھۈجەيرىدىن قوغدىغۇچى ھۈجەيرىگە سۇ كىرىدۇ، نەتىقىدە قوغدىغۇچى ھۈجەيرىنىڭ كۆپۈش بېسىمى ئېشىپ ھاۋا تۆشۈكى ئېچىلىدۇ. كەچتە نەپەسلىنىش كۈچىيىپ قويۇپ بېرىدىغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد كۆپىيىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ PH قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، فوسفاتازا PH قىممىتى 9.2 - 1.6 بولغاندا كراخمالنى سىنتېزلەش يۆنىلىشىگە قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ. نەتىجىدە قوغدىغۇچى ھۈجەيرىدىكى كراخمال كۆپىيىپ، ئۇنىڭ ئېرىگۈچىلىرى ئازىيىدۇ، سۇ پوتېنسىئالى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، سۇ قوغدىغۇچى ھۈجەيرىدىن چىقىپ كۆپۈش بېسىمى كىچىكلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاۋا تۆشۈكى ئېتىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان فوتوسىنتېز جەريانىدا ھاسىل بولغان ATP قوغدىغۇچى ھۈجەيرە پەردىسدىكى كالىي - ھىدروگېن ئىئونىنى ئالماشتۇرۇش ناسوسى ئۈچۈن ئىش ئىشلەپ قوغدىغۇچى ھۈجەيرە ئەتراپىدىكى ئېپىدرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىئون ئەگرىلىك دەرىجىسىنى تەتۈرلەشتۈرۈپ، كالىي ئىئونىنى سۈمۈرىدۇ، قوغدىغۇچى ھۈجەيرىنىڭ سۇ پوتېنسئالى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن قوغدىغۇچى ھۈجەيرە سۇ سۈمۈرۈلۈپ ھاۋا تۆشۈكى ئېچىلىدۇ دەپ قارالماقتا.