Uyghur主要词典
ھاۋانا خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
كۇبا خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى خىتابنامىسى. بىرىنچى قېتىملىق خىتابنامە 1960-يىلى 9-ئايدا ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. خىتابنامىدە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا ئۇزۇن مۇددەت ئارىلاشقانلىقى ئەيىبلەنگەن؛ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق، دېموكراتىك ئەركىنلىكى ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى جاكارلانغان؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش جاكارلانغان. 1962-يىلى 2-ئايدا ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى خىتابنامە ماقۇللانغان، بۇنىڭدا ئاساسلىق لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى شەرھلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى يىغىنىنى قىستاپ ماقۇللاتقان، كۇباغا ئارىلىشىدىغان ۋە لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ كېلىدىغان قانۇنسىز قارارى ئەيىبلەنگەن.