Uyghur主要词典
ھاراقكەشلىك گۇناھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھاراقنى ھارام قىلىش توغرىسىدىكى <قۇرئان كەرىم> دىكى بەلگىلىمە ئاساس قىلىنغان (5 - سۈرىنىڭ 90 -، 91 - ئايەتلىرىگە قاراڭ). بۇ <ھاراقنى مەنئى قىلىش ئەمرى> دېيىلىدۇ. مۇشۇ ئەمرگە خىلاپلىق قىلغاندا بۇ گۇناھ شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە ئىختىيارەن ھاراق ئىچىش ۋە خۇدىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدە مەس بولۇپ كېتىش گۇناھ بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىپ، 80 دەررە ئۇرۇلىدۇ. ئوخشىمىغان فىقھەلەرنىڭ بۇنى چۈشەندۈرۈشى پەرقلىنىدۇ. ھەنەفىيە كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىشنى چەكلەيدۇ. مالىكىيە، شافىئىييە، ھەنبەلىيە ئېقىملىرى ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلار ئىسپرتلىق ھەممە ئىچىملىكنى مەنئى قىلىدۇ. ھەنەفىيە، شافىئىييە، ھەنبەلىيە ئېقىملىرى ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ قارىشىچە، قۇسۇش، ھاراقنىڭ بۇسى تۈگىمەسلىكتەك مەسلىك ھالىتىنى گۇناھ بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلغىلى بولمايدۇ. مالىكىيەدىكى بەزى فەقىھلەر ھاراقنىڭ پۇرىقى پۇرالسىلا جازالاشتا چىڭ تۇرىدۇ. شەرىئەت ئادەتتە ئۈچ ئاي ئىچىدىكى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ.