Uyghur主要词典
ھارامزادىلىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھىيلە - مىكىر قىلىدىغان ئىللەت.
ساددىلىق، گوللۇق، ئاق كۆڭۈللۈك، كۆڭۈلچەكلىك
ساددا خىسلەت.
ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرگە چىقىۋاپتۇ. قۇۋ قۇۋلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپتۇ، گول گوللىقىدىن تۇتۇلۇپتۇ. ئاق كۆڭۈللۈك - ئالىمنىڭ خىسلىتى. كۆڭۈلچەكلىك مەككارلىقنىڭ تۇتقۇنى. ھىيلىگەرلىك ھەممىدىن يامان. مەككارلىقتىن مەرھەمەت كەلمەس. مۇغەمبەرلىك مۇسۇلماننىڭ قىلىقى ئەمەس. قۇۋلۇقتىن شۇملۇق چىقىدۇ. لۇلىلىق يولدىن قالدۇرىدۇ. ھەييارلىق قىلساڭ، ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن. نەيرەڭۋازلىقتىن نەپ يوق. ھارامزادىلىك بىلەن پۇل تاپقۇچە، ئادىللىق بىلەن زىيان تارت. تادانلىق نادانلىق بىلەن تام قوشنا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھارامزادىلەرگە خاس قىلىق.
ھارامزادىلىك قىلماق.
بېدىك ھارامزادىلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى.