Uyghur主要词典
ھاقارەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ دىلىغا تېگىدىغان يامان سۆز.
تىغ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن. تىلى ئۇزۇننىڭ دىلى قىسقا. تەقدىر راستچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس. قارغىش ئالغۇر. ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس. سۆكۈش يولسىزنىڭ ئىشى، يولسىزلىقنىڭ بەلگىسى. يالغان ئېيتقان ئۆزى ئاھانەتكە قالار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قوپال گەپ - سۆزلەر بىلەن باشقىلارنىڭ ئابرۇيىغا، ئىززەت - ھۆرمىتىگە تېگىش، سۆكۈش.
گۈلجەننەت بولسا ئەزىزنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق ھاقارەت چىقىشىنى زادىلا كۈتمىگەچكە، ئۆز ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ، يىقىلاي - يىقىلاي دەپ قالدى.
باشقىلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تېگىدىغان، كەمسىتىدىغان، كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان قوپال ۋە ئورۇنسىز گەپ؛ ئاھانەت.
ھاقارەت قىلماق. ھاقارەت كەلتۈرمەك.