Uyghur主要词典
ھاننوۋېر خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ھاننوۋېر جەمەتىنىڭ 1714 - 1901-يىللىرى ئەنگلىيىدە قۇرغان بۇرژۇئا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق خاندانلىقى. ەېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى ھاننوۋېرنىڭ كورۇل سايلىغۇچى گېرتسوگى ئېرنېست ئاۋگۇستۇس ئەنگلىيە كورۇلى ھى جىمىس Ⅰ نىڭ قىز نەۋرىسىگە ئۆيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئوغلى گېئورگې Ⅰ 1714-يىلى تۈزۈلگەن <تەخت ۋارىسلىق قانۇنى> غا بىنائەن ستۇئارت خاندانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. گېئورگې 1 (1714 - 1721)، گېئورگې2 (1727 - 1760)، گېئورگې3 (1760 - 1820)، گېئورگې 4 (1820 - 1830) ۋە ۋېلھېلم 4 (1830 - 1837) دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى (1830 - 1944) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھاننوۋېر خاندانلىقى ئاخىرلاشقان