Uyghur←Chinese主要词典
ھانگو جېڭى
دۇنيا تارىخى
汉古特战役
hàn gǔ tè zhàn yì
شىمال ئۇرۇشى ۋاقتىدا روسىيىنىڭ شۋېتسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان دېڭىز ئۇرۇشى. 1714-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، فىنلاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھانگو (ھانكو) يېرىم ئارىلى يېنىدا پېتېر Ⅰ روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، شۋېتسىيە فلوتىنى يەڭگەن. شۋېتسىيىنىڭ 10 پاراخوتى زىيانغا ئۇچرىغان، تەخمىنەن 950 كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، ئەسىرگە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن شۋېتسىيە دېڭىز فلوتىنىڭ پېتېربۇرگقا بولغان بىۋاسىتە تەھدىتى تۈگىتىلگەن.