Uyghur主要词典
ھالقىلىق ئادېنىلىك كىسلاتا
بىئولوگىيە
قىسقىچە cAMP دەپ ئاتىلىدۇ يەنى 3، 5 - ئادېنوزىن مونوفوسفات ئېستىرى بولۇپ، ئۇنىدىكى فوسفات كىسلاتا گۇرۇپپىسى قەنت ھالقىسىنىڭ 5 -، 3 - ئورۇنلىرىدىكى گىدروكسىلى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېستر بېغى بىلەن تۇتىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاتوملىرى رەسىمدىكىدەك ھالقىلىق ھالەتتە جايلىشىدۇ. ئۇ ھەر خىل جانلىق ھۈجەيرىلىرىدە مىكرو مىقداردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇ ماددىلارنىڭ مېتابولىزمى، گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىگە نىسبەتەن مۇھىم تەكشەپ كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. cAMP ئىككىنچى - سىگنال - گورمون سىگنالىنىڭ يەتكۈزگۈچىسى دەپ قارىلىدۇ. پولى پېپتىدلىق گورمونلار ئادەتتە نىشان ھۈجەيرىگە كىرمەستىن، بەلكى پەردىدىكى مەخسۇس قوبۇل قىلغۇچى بىلەن بىرىكىدۇ، ھەمدە پەردىدىكى ئادېنلىك كىسلاتانى ھالقىلاشتۇرغۇچى ئېنزىم (Ac) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق cAMP نى سىنتزلايدۇ، cAMP گورموننىڭ سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ ھۈجەيرىنىڭ مۇئەييەن ئورنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىسىدە cAMP ئاكتىپلىقى بولمىغان ئاقسىل كىنازىسىنىڭ تەڭشىگۈچى سۇب رادىكالى بىلەن قايتما ھالدا بىرىكىپ كونفورماتسىيىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، نەتىجىدە تەڭشىگۈچى سۇب ردىكالى بىلەن كاتالىزلىغۇچى سۇب رادىكالى ئايرىلىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن تورمۇزلىنىش بىكار قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاكتىپلاشقان كاتالىزلىغۇچى سۇب رادىكالىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاكتىپلىقى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گلىكوگېننىڭ پارچىلىنىشى جەريانىدىكى بىر قاتار تۇتاش رېئاكسىيىلەرنى ئاكتىپلىقى تۆۋەن بولغان جىگەر فوسفاتازىسى b نىڭ فوسفاتلىشىپ ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان فوسفاتازىسى a غا ئايلانغۇچە قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گلىكوگېننىڭ گلۇكوزا 1 - فوسفاتتا قىسقىرىشىنى يۇقىرى تېزلىكتە كاتالىزلايدۇ، شۇڭلاشقا cAMP گورمون سىگنالىنى چوڭايتىش (ياكى كىچىكلىتىش) فۇنكىسىيىسىگە ئىگە. cAMP يەنە گىستون ۋە نون گىستوننىڭ فوسفاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ تورمۇزلىنىشىنى بىكار قىلىدۇ ياكى رىبوزوما ئاقسىلىنىڭ فوسفاتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە RNA - پولىمېرازىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، DNA نىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى ۋە تەرجىمە قىلىنىش جەريانىنى تېزلىتىدۇ.