Uyghur主要词典
ھالقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىتى دومىلاق، ئىچى بوش شەكىل.
ھورۇنغا بىر چەمبەر سىزىش ئۈچۈن بىر ئاي كېتىدۇ. قەھرىمانلار مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويۇلدى. ھالقا بولۇپ ساما سالدۇق. بىلىمنى كەڭ دائىرىدە ئال، بىرىگە كۆپرەك زەن سال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلاققا تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمى. ئالتۇن، كۈمۈش، ۋە باشقا ئېسىل نەرسىلەردىن ياسىلىدۇ.
<سۆكە> قەشقەر شېۋىسىدە، <ئىڭڭىلىك> لوپنۇر دىئالېكتىدا، <يىگىنە> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىنەك سېتىپ ھالقا ئالغان ئەخمەق. زەردىن زىرە تاقىغۇچە، ئىشلەپ زەر تاپ. سىرغا سىرىلغا چۈشمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مېتالنى ئېگىپ، ئىككى ئۇچىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان چەمبەر شەكلىدىكى بۇيۇم.
تۆمۈر ھالقا.زەنجىر ھالقىسى. ئىشىك ھالقىسى.
قۇلاققا ئېسىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى. كۆپىنچە ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق مېتاللاردىن ھەرخىل شەكىلدە ياسىلىدۇ.
چەمبەر، دائىرە شەكلىدىكى نەرسە، گەردىش.
خان ئارسلانبەگنى باشلاپ ھالقا بولۇپ تۇرغان مېھمانلار ئالدىدىن ئايلاندى.
كۆچمە. بىر - بىرىگە ئۆزئارا باغلانغان ۋە بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەردىن بىرى.
ئاجىز ھالقا. ئىش ھالقىلىرى.
كۆچمە. شەيئىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بۆلىكى.
خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش.
كۆچمە. قورشاۋ، مۇھاسىرە.
ئەمىر، بەگلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ چېدىر - بارگاھلىرىنى تىكىپ، كەستىھكام شەھىرىنى ھالقىغا ئالدى.