Uyghur主要词典
ھالەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ھالات. ھال، ئەھۋال؛ ھالەت.
ۋاقىت، پەيت:
كۆرۈنۈش، قىياپەت.
2. خاجەنى رايى ئەئزەم پادىشاھ دارغا ئاسقالى بۇيرۇغان ھالەتدە پادىشاھغە كېسەل ئارىز بولۇپ، مەھبۇسلارنى قويا بەرگەلى بۇيرۇغانى؛ ...
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
يۈز بەرگەن ھادىسە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرمۇشتا روھى ۋە جىسمانىي شارائىت.
ھالىم خاراپ. ھالىم پەرىشان، كىيگىنىم تېرە ئىشتان. كىشىنىڭ ھالىغا كىشى يەتمەس. دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما، كۈلگىسى كېلىدۇ. تۇرغۇن ھالەتنىڭ دەردى كۆپ. ئۆيۈڭنىڭ ئەھۋالىنى قوشناڭدىن سورا. ۋەزىيەتنى كۆزىتىشنى ئۆگەن، ۋەزىيەت تەقەززاسىدىن كېيىن قالما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھال، ئەھۋال؛ ۋەزىيەت.
باشلانغۇچ سالەت. ھەربىي ھالەت. روھىي ھالەت. قىيىن ھالەت.
<تىل> جۈملىدە پېئىل ۋە سۈپەتنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىش - ھەرىكەت ياكى خۇسۇسىيەتنىڭ ھەرخىل ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە بۆلىكى.