Uyghur主要词典
ھالبۇكى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى باغلىغۇچى. ھەقىقەتتە، ئەمەلىيەتتە بولسا دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
ئادەمنىڭ ھاياتىدا ياشلىق بىرلا قېتىم كېلىدۇ. ھالبۇكى، ياشلىق دەۋرى كىشىنىڭ ھەر قانداق دەۋرىدىن قۇدرەتلىك، گۈزەل بولىدۇ. دۇنيادا ياشلىقتىن ئېسىل نەرسە يوق، ۋەھالەنكى، ئۇ ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
<ئەھۋال شۇنداقكى، ئەمەلىيەت شۇكى> دېگەن مەنىلەردىكى قارمۇ قارشى باغلىغۇچى بولۇپ، رولى <ئەمما، بىراق، لېكىن> باغلىغۇچىلىرىغا يېقىن كېلىدۇ.