Uyghur主要词典
ھالال پەرزەنت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە ئاتا - ئانىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ياكى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇغۇلغان پەرزەنت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (1) نىكاھلىنىپ ئالتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە تۇغۇلغان پەرزەنت؛ (2) شىئە مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن 10 قۇياش ئېيىدا تۇغۇلغان پەرزەنت ھالال پەرزەنت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى، نىكاھ ھامىيلىق ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرى شەرىئەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.