Uyghur←Chinese主要词典
ھاكىمدار
دۇنيا تارىخى
执权
zhí quán
كاماكۇرا شوگوناتلىقىدىكى مەنسەپ، بىرىنچى ئەۋلاد سىياگۇن مىتاموتو يورىتومو ئوگو خىروموتونى مەمۇرىي مەھكىمە (مالىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ) نىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ھاكىمدار دەپ ئاتىغان. ئۈچىنچى ئەۋلاد سىياگۇن مىناموتو سانېتومو مەزگىلى (1203 - 1219) گە كەلگەندە، ئوگو خىروموتو بىلەن خۇجو توكىماسا مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى بولغان. 1213-يىلى خۇجو يوشىتوكى مەمۇرىي مەھكىمە ۋە زربىي - ساقچى ئىدارىسىنىڭ بالشىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ، ئۆزىنى ھاكىمدار دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەنسەپكە خۇجو جەمەتىدىكىلەر ۋارىسلىق قىلغان. 1224-يىلى خۇجو ياسوتوكى ھاكىمدار بولغان چاغدا، خۇجو توكىفۇسا لىيەنشۇ دەپ ئاتالغان، ئىككىنچى يىلى ھاكىمدارنىڭ قول ئاستىدا <باھالاپ بېكىتىش خادىمى> تەسىس قىلىنىپ، ئۇ مەمۇرىەي مەھكىمىدە ھاكىمدارنىڭ زور مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملەشكەن. بېيشياۋيىزونى مەركەز قىلغان فېئودال ھۆكۈمرانلىق فورمىسىدا <ھاكىمدار سىياسى> دەپ ئاتالغان. مۇروماچى شوگوناتلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بۇ تۈزۈم يەنىلا داۋاملاشتۇرۇلۇپ، 1362-يىلىغا كەلگەندە گۇەنلىڭغا ئۆزگەرتىلگەن.