Uyghur主要词典
ھاكىم بىئەمرۇللا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(996 - 1021) مىسىردىكى فاتىمىيەلەر سۇلالىسىنىڭ ئالتىنچى خەلىپىسى، 1007 - يىلى 11 يېشىدا تەختكە چىقىتى. يات دىنلارنى كەمسىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ئېرۇسالىمدىكى چېركاۋنى بۇزۇرۇۋەتتى. كېچىسى ئېشەك مىنىپ كوچىلارنى يالغۇز ئايلاندى ھەمدە شەھەر سىرتىدىكى رەسەتخانىغا بېرىپ، يۇلتۇزلارنى كۆزەتتى ۋە ھېسابلىدى. 1021 - يىلى بىر كېچىسى چىقىپ يوقاپ كەتتى. دەرەزى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھاكىم بىئەمرۇللانى سىرلىقلاشتۇرۇشى بىلەن كىشىلەر ئۇنى غايىب ئىمام ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىنى كۈتتى.