Chinese→Uyghur主要词典
海蜇
بىئولوگىيە
قالپاقلىق مېدۇزا
ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى، كۈنلۈكسىمان مېدۇزىلار سىنىپىغا كىرىدۇ. ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان بىرخىل چوڭ مېدۇزا بولۇپ، ئادەتتە ئوچۇق كۆك رەڭلىك، كۈنلۈك قىسمى قېلىن ھەم ئېگىز، تومپىيىپ مانتا شەكلىنى ھاسىل قىلغان. دىئامېتىرى 50 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، كوللوئىد ماددىسى قاتتىقراق. كۈنلۈك گىرۋىكىدە سەككىز كەمتۈكى بولۇپ، سېزىش بارماقلىرى بولمايدۇ. ئېغىز بارماقچىسى سەككىز تال بولۇپ يېرىلىپ نۇرغۇنلىغان ياپراقچىلارغا ئايلانغان، چوڭ ئېغىزى يوقىلىپ كەتكەن، ئېغىز بارمىقىنىڭ ياپراقچىلىرىدا ناھايىتى كۆپ كىچىك تۆشۈكلەر بولۇپ، سۈمۈرۈش ئېغىزى دېيىلىدۇ. قالپاقلىق مېدۇزا مۇشۇ ئېغىزىغا تايىنىپ ئۇششاق ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى سۈمۈرۈپ ئوزۇقلىنىدۇ. قالپاقلىق مېدۇزىلار دائىم ئاۋغۇست، سېنتەبر ئايلىرىدا توپ - توپ بولۇپ دېڭىز يۈزىدە پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىن كۆپ چىقىدۇ. جېجياڭ، فۇجيەنلەرنىڭ دېڭىز بويلىرىدا ئەڭ كۆپ. تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ھاك ۋە زەمچىلەرگە چىلاپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، يەنە تۇزلاپ تەييارلىنىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى كۈنلۈك قىسمى <مېدۇزا پوستى>، ئېغىز بارماقلىرى قىسمى <مېدۇزا بېشى> دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى قىسمىنى خام ياكى پىشۇرۇپ يېيىشكە بولىدۇ. جەنۇب تەرەپتىكى دېڭىزلاردا يەنە بىر خىل ئاق قالپاقلىق مېدۇزا (گېسپىدا، R. hispida) لار بولۇپ شەكلى ئوخشاش، رەڭگى سەل پەرقلىق. ئۇلارنىمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
hǎi zhé
قالپاقلىق مېدۇزا