Chinese→Uyghur主要词典
海因岑兰共和国
دۇنيا تارىخى
ھېينزېن جۇمھۇرىيىتى
ۋېنگرىيىنىڭ غەربىدىكى بورگېنلاند رايونىدا نېمىس دېھقانلىرى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. نېمىس تىلىدا <ئۇششاق دېھقان> دېگەن سۆز <ھېيزېن> دېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1918 - يىلى 10 - ئايدا، ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بەربات بولۇپ، ھەرقايسى مىللىي رايونلاردا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئارقا - ئارقىدىن ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. چېخوسلوۋاكىيە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى دەپ بۇرگېنلاندتىكى پلايسبورگنى ئىشغال قىلماقچى بولغان. بۇرگېنلاندتىكى نېمىس تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇششاق دېھقانلار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ، ئاسترىيىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ھەمدە 1918 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ماتسىبۇرگدا جۇمھۇرىيەت قۇرغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھەرىكەت ۋېنگرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، جۇمھۇرىيەت يوقىتىلغان.