Chinese→Uyghur主要词典
海洋生物学
بىئولوگىيە
دېڭىز - ئوكيان بىئولوگىيىسى
دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان جانلىقلارنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈرى ھەمدە تارقىلىش ئەھۋالى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر، بىئوخىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى، ئىرسىيىتى، ئۆزگىرىشى ھەمدە ئېۋوليۇتسىيىلىك ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ بىئولوگىيىنىڭ ئالاھىدە بىر تارمىقى (بىئولوگىيىنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دېڭىز - ئوكيان ئىلىمىنىڭ بىر مۇھىم تەشكىلىي قىسمى. دېڭىز ئوكيان بىئولوگىيىسى نۇقتىلىق ھالدا دېڭىز - ئوكياندا ياشىغۇچى جانلىقلارنىڭ ئۆسۈش، يېتىلىش، كۆپىيىش، بولۇپمۇ ئۇلار بىلەن دېڭىز - ئوكيان مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ھەمدە ھەر قايسى دېڭىز - ئوكيانلاردىكى جانلىقلار رايونى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. دېڭىز - ئوكيان بىئولوگىيىسى تەتقىقاتى بىئولوگىيە پېنى ۋە دېڭىز - ئوكيان ئىلىمىنى بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: دېڭىز - ئوكيان جانلىقلار مەنبەسىنى ئېچىش ۋە كۆپەيتىش تەتقىقاتى سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ جانلقلار شاۋقۇنىنى تەكشۈرۈش ۋە دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىش قانۇنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ تۆشۈكلۈك قۇرتلار ۋە كۆپلىگەن قەدىمكى جانلىقلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى نېفىت مەنبەلىرىنى قىدىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
تەبىئىي جۇغراپىيە
hǎi yáng shēng wù xué
ئوكيان بىئولوگىيىسىDئۇنىۋېرسال
hǎi yáng shēng wù xué
دېڭىز - ئوكيان بىئولوگىيىسى
Dمائارىپ
hǎi yáng shēng wù xué
دېڭىز - ئوكيان بىئولوگىيىسى