Chinese→Uyghur主要词典
海森堡
دۇنيا تارىخى
ھېيسېنبېرگ
(1901 - 1976) گېرمانىيىلىك فىزىك. ۋىزربۇرگدا تۇغۇلغان. لېيپسىگ داشۆسى، بېرلىن داشۆسى ۋە گوتتىگېن داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1925 - يىلى مىكرو زەررىچىنىڭ كۆزەتكىلى بولمايدىغان مېخانىكىلىق مىقدارىنى ئۇنىڭ سپېكتورىنىڭ كۆزەتكىلى بولىدىغان چاستوتىسى بىلەن، مۇئەييەن ھېسابلاش (ماترىسسا ئۇسۇلى) ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن بورن (1882 - 1970). يوردان (1902 - ) بىلەن بىرلىشىپ، ماترىسسا مېخانىكىسىنى بەرپا قىلىپ، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا سەركەردىلىك رول ئوينىغان. 1927 - يىلى <دەل ئۆلچىگىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت> نى بەرپا قىلغان، ئۇ كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن 1932 - يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. كېيىن يەنە يادرو ماس ئايلانما قار ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە S ماترىسسا نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. 1958 - يىلدىن باشلاپ ميۇنخېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە ماركس پلانك فىزىكا ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان.