Chinese→Uyghur主要词典
海赛
دۇنيا تارىخى
ھېسسې
(1877 - 1962) شۋېتسارىيىلىك يازغۇچى، لىرىك شائىر، تىنچلىقپەرۋەر. گېرمانىيىدىكى دىن تارقاتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1895 - 1903 - يىللىرى كىتابخانا ئېچىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان ھەمدە ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 1919 - يىلى شۋېتسارىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1923 - يىلى شۋېتسارىيە پۇقراسى بولغان. ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى مەدەنىيەت مەسىلىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەنگەن شۇنداقلا روھ تەھلىلچىلىرى ۋە سىمۋولىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1946 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <يايلاق بۆرىسى>، <ناشىس بىلەن گېرموندې> (<ئۆلۈم ۋە ئاشىق> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ)، <ئەينەك مونچاق ئۇيۇنى>، شۇنىڭدەك <سەرسانلىق> دېگەن تەرجىمىھالى ۋە <ئۇرۇش ۋە تىنچلىق> دېگەن سىياسىي ئوبزورى قاتارلىقلار.