Chinese→Uyghur主要词典
海顿
دۇنيا تارىخى
ھېيدىن
(1732 - 1809) ئاۋسترالىيىلىك كومپوزىتور. ۋېنا كلاسسىك مۇزىكا تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. كەمبەغەل ھارۋىكەش ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1740 - يىلدىن تارتىپ ۋېنادىكى سېن - سېتېپېن چېركاۋىنىڭ ناخشا ئوقۇش ئەترىتىدە بالا ناخشىچى بولغان. 1749 - يىلى ئاۋاز بۇزۇلغانلىقتىن بوشىتىۋېتىلگەن. ئۆزلۈكىدىن بېرىلىپ مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1759 - يىلى بوخېمىيە گرافىنىڭ خۇسۇسىي مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1761 - يىلدىن تارتىپ تەخمىنەن 30 يىل ۋېنگرىيە ئىستاخاچ كىنەزىنىڭ ساراي مۇزىكا ئەترىتىنى باشلىقى بولغان. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە ئاۋسترىيە، بوخېمىيە قاتارلىق جايلاردىكى مىللەتلەر، خەلقلەرنىڭ مۇزىكىسىدىن كەڭ ماتېرىيال ئالغان، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى سەمىمىي - ساددا بولغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى سىمفونىيە - <لوندون سىمفونىيىسى>، <خوشلىشىش>، <ھاڭ - تاڭلىق>، <سائەت> قاتارلىقلار بولۇپ يۈزدىن ئاشىدۇ. تارىلىق مۇزىكىلار بىلەن ئۇرۇندىلىنىدىغان تۆت تاۋۇشلۇق مۇزىكا - <قوش>، <رىتسار> قاتارلىقلار 80 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مۇزىكىسىز ئۇرۇندىلىنىدىغان <دۇنيانىڭ يارىتىلىشى>، <تۆت پەسىل> قاتارلىقلار، رويال بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلار ۋە تۈرلۈك يالغۇز كىشىلىك مۇزىكىلار، تەڭكەش قىلىپ ئورۇندايدىغان مۇزىكىلار بار.
ئىستېتىكا
hǎi dùn
ھېيدن (ئاۋسترىيىلىك)Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
hǎi dùn
خايتون