Chinese→Uyghur主要词典
海带
领域: بىئولوگىيەلامىنارىيە
قوڭۇر يۈسۈنلەر تىپى، لامىنارىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى قوڭۇر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2 - 4 مېتىر، بەزىدە يەتتە مېتىرغا يېتىدۇ. يېپىشىش ئورگىنى، ساپ قىسمى ۋە يوپۇرماق ئالىقىنىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. يېپىشىش ئورگىنى ئاچىماقسىمان شاخلىنىپ ئاساسىي ماددىلر ئۈستىگە مۇقىملىشىدۇ؛ ساپ قىسمى قىسقا، توم سىلىندىرسىمان ياكى ئازراق ياپىلاق بولۇپ، تەخمىنەن 5 - 6 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرماق ئالىقىنى پىشقاندا كەڭلىكى 25 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2 - 6 مېتىر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 2 - 5 مىللىمېتىر كېلىدۇ، ياپىلاق تاسمىسىمان بولىدۇ. ئۆسۈش نۇقتىسى يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ ساپقا يېقىن ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقتىن ئۆسىدۇ. لامىنارىيىنىڭ ھايات تارىخىدا غەيرىي ئوخشاش تىپلىق دەۋر ئالمىشىش بولىدۇ. سىپوروفىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان تېنى سپورىلىق تەندىن ئىبارەت، گامېتوفىتى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئاددىي كۆز بىلەن پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. ئەسلى ياپونىيىدە سوغۇق دېڭىز خاراكتېرىدىكى تۈرلىرى ئىشلەپچىقىلاتتى. دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا خادىملىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مايسا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى، سالسىمان ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى، سۈنئىي ئوغۇتلاش، جەنۇبتىن يۆتكەپ كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئۆستۈرۈش رايونىنى زور كۆلەمدە كېڭەيتتى، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز لامىنارىيىنى ئۆستۈرۈپ كۆپەيتىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. لامىنارىيىنىڭ ئوزۇنلۇقى مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىلغاندىن باشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، ھەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىپ يود، ماننىتول ۋە قوڭۇر يۈسۈن يىلىمى قاتارلىق مۇھىم خام ئەشيالار ئايرىپ ئېلىنىدۇ.
领域: يېزا ئىگىلىكhǎi dài
لامىنارىيە، خەيدەيDئۆسۈملۈك
hǎi dài
لامنارىيە، خەيدەيDسودا
hǎi dài
خەيدەيDئۇنىۋېرسال
hǎi dài
لامىنارىيە، خەيدەي
例句
我喜欢喝海带排骨汤。
翻译: مەن كېلىمىز تورتى بىلەن شورپا ئىچىشنى ياقتۇرىمەن.
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىhǎi dài
ئىقتىساد
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق
لامىنارىيە
(1) <قالپاقلىق مېدوزا> دېگەن سۆزنىڭ قول ئىشارىتىنىڭ (1) سىگە ئوخشاش. (2) ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارماقلىرىنى ئۈچ سانتىمېتىر يىراقلىقتا ئېچىپ، بارماق ئۇچىنى بىر - بىرىگە قارىتىدۇ ھەمدە ئوتتۇرىدىن ئوڭ - سولغا تارتىدۇ.
关于该词条
这是一个中文–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。