Uyghur主要词典
ھافىز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساقلىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى.
يادقا بىلگۈچى، قۇرئاننى يادقا بىلگۈچى، قارىي.
قوشاق، بېيىت ئېيتقۇچى، ھاپىز:
جەمال شاھى جەھان ۋەسلىدىن ئۈمىد ئەتسەڭ،
مۇدام زىكرى زەبان دانە دان قىل ئەي ھافىز.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ساقلىغۇچى، ياد ئالغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «ھامىيلىق قىلغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. (1) ئىسلام دىنىدا «قۇرئان كەرىم» نى تولۇق يادلاپ بولغان ئادەم «ھافىز» دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ. (2) «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنغان ئاللانىڭ 99 گۈزەل ئىسمىنىڭ بىرى.