Chinese→Uyghur主要词典
哈尔斯坦主义
دۇنيا تارىخى
خاللىستېنىزم
گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى يولغا قويغان تاشقى سىياسەت. 1955 - يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى خاللىستېن (1901 -) نىڭ تەكلىپى بويىچە تۈزۈلگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان.فېدېراتىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل گېرمانىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، دېموكراتىك گېرمانىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەرقانداق دۆلەت (سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ سىرتىدا) بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان. 1969 - يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگەزگەندىن كېيىن <يېڭى شەرق سىياسىتى> نىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. <خاللىستېنىزم> ئەمەلىيەتتە توختىتىلغان.