Uyghur主要词典
ھادىسە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھادىسە، ۋەقە؛ ئۆزگىرىش:
ۋەزىر پۇر تەبىرنىڭ قىزى ئاتاسىغە بۇ ھادىسە يۈز كەلتۈرگەنىنى ئاڭلاپ، فەرەڭ ئەلچىسى بىرلە تاپىشىپ، لىباسى مەردانە كىيىپ خاجە سەگ پەرەست ئۈچۈن ئۆز شەھرىدىن خۇراسانغە ئەزم ئەتكەنى....
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈز بەرگەن چوڭ ئىش.
<ھادىسە> تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، چوڭ زىيان كەلتۈرگەن ئىش.
7 - ئىيۇل لۇگۇچياۋ ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى ئۇرۇشنىڭ قانلىق دېڭىزىغا چۈشتى. ھەر يىلى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، قاتناش ھادىسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم، بولغان زىيان كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەبىئەتتە، ئىجتىمائىي ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش.
تەبىئىي ھادىسە. ئىجتىمائىي ھادىسە.
تەبىئەتتە، ئىجتىمائىي ھاياتتا، تۇرمۇشتا يۈز بېرىدىغان زىيانلىق ھەم تاسادىپىي ۋەقە، كېلىشمەسلىك.
ھادىسىگە ئۇچرىماق. قاتناش ھادىسىسى. ماشىنا ھادىسىسى.
<پەلس> پەلسەپىدىكى بىر كاتېگورىيە، ئۇ شەيئىلەرنىڭ تاشقى باغلىنىشى بولۇپ، ماھىيەتنى ئىپادىلەيدۇ، كىشىلەر شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى، ھادىسىنى تەھلىك ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بىلەلەيدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاققا باھا بېرىش سەۋىيىسىنى ھادىسىدىن ماھىيەتكە، ئۆزگىدىن ئۆزگە، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ئەتراپلىق بولۇشقا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.