Uyghur主要词典
گېزەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
داستىخانغا تىزىلغان ھەر خىل شىرىنلىكلەر.
گېزەك، قەنت - گېزەك دەپ قوش سۆز بولۇپ كېلىدۇ.
چايدا داستىخانغا ھەر خىل مەزەلەر تارتىلىپتۇ. مەزەگە باقسىلا، - دېدى ساھىبخان. داستىخىنىمىز چۆپچۈل بولۇپ قالدى، قەنت - گېزەك ئاز بولۇپ قالدى.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
نۆۋەت. گېزەكلىشىپ ئىشلىمەك - نۆۋەتلىشىپ ئىشلىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مېھمانلار ئۈچۈن داستىخانغا تىزىلىدىغان قەنت، ناۋات، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق - تۇرۇم يېمەكلىكلەر؛ قەنت - گېزەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نۆۋەت، تەرتىپ.