Uyghur←Chinese主要词典
گېئورگېۋ
دۇنيا تارىخى
格奥尔基耶夫
gé ào ěr jī yē fū
(1870 - 1917) بۇلغارىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. بلاگوئېۋ بىلەن بىللە <سوتسىيالىزم> ژورنىلىنى تەھرىرلىگەن. 1893 - يىلىدىن كېيىن بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىي ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1899 - 1909 - يىللىرى پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى <ئىشچىلار گېزىتى> نى تەھرىرلىگەن. 1903 - يىلى بۇلغارىيە ئىشچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (زىچلاشقۇچىلار) نى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان (1903 - 1909). كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن سىياسىي پائالىيەتتىن ئايرىلغان.