Uyghur←Chinese主要词典
گېئورگىي گرېي
دۇنيا تارىخى
乔治. 格雷
qiáo zhì . gé léi
(1812 - 1898) يېڭى زىنلاندىيە باش ۋالىيسى (1845 - 1853، 1861 - 1868)، زۇڭلىسى (1877 - 1879). لېسسابوندا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1840 - يىلى ئاۋسترالىيە قىتئەسى يەرلىك ئاھالىلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى يېزىپ، مۇستەملىكە رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. يېڭى زىنلاندىيىگە باش ۋالىي بولغان مەزگىلدە، شىمالىي ئائورىلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان، مائورىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. يەرلىك ئاھالىلەر رايونىد يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، رايونلارغا ئايرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا زۆرۈرۈ ھوقۇقلارنى بەرگەن. 1854 - يىلى كاپ مۇستەملىكىلەر رايونىنىڭ باش ۋالىيسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان. 1860 - يىلى يېڭى زېنلاندىيە تاراخاكى رايونىدا ئائورىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشى پارتلىغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى زىنلاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، مائورىلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، قوراللىق كۆچمەنلەر رايونىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن قوماندان كامېرون بىلەن كېلىشەلمەي، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 1874 - يىلى يېڭىۋاشتىن يېڭى زىنلاندىيە سىياسىي ساھەگە كىرگەن. يېڭى زېنلاندىيىگە زۇڭلى بولغاندا، سايلام تۈزۈمى، يەر مەسىلىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈملۈك تۈردە يولغا قويۇلمىغان. 1894 - يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كەتكەن. لوندوندا ۋاپات بولغان.