Uyghur←Chinese主要词典
گىئوبېرتى
دۇنيا تارىخى
焦贝蒂
jiāo bèi dì
(1801 - 1852) ئىتالىيىلىك كاتولىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، ساردېگنا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1848 - 1849). 1825 - 1833 - يىللاردا تورىنو داشۆسىدە ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. مەخپىي جۇمھۇرىيەتچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان. 1833 - يىلى قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە، بېلگىيىلەردە تۇرغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەت تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچكەن. 1843 - يىل <ئىتالىيانلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مۇھىم ئورنى توغرىسىدا> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، قەدىمكى رىم دەۋرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئىتالىيانلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ئىتالىيەنىڭ ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بوش بىرلەشمىنى تەشكىل قىلىپ، پاپاغا تەۋە بولۇشن تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ، بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى بايرىقىغا ئايلانغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان، ئەمما دېموكراتلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1849 - 1851 - يىللاردا فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان.