Uyghur主要词典
گۇرۇھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
توپ، گۇرۇھ؛ جامائەت:
سۇخەن مەنبەئىنىڭ خىردمەندلەرى،
مەئانى گۇرۇھى شەكەرخەندلەرنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۇرۇپپا، بەن؛ دۈي، دادۈي؛ تۈركۈم، توپ؛ گۇرۇھ: گۇرۇھ - گۇرۇھ - تۈركۈم - تۈركۈم؛ گۇرۇھ مەردەم - بىر توپ ئادەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىياسىي - ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە.
تەشكىلات بۆلۈم. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى. كوممۇنىستىك پارتىيە. گومىداڭ پىرقىسى. ئازادلىق جەمئىيىتى. ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى. ئاياللار بىرلەشمىسى. شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى. ياشلار ئۆمىكى. ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى. مۇزىكا ترۇپپىسى. پارتىيە پاچېيكىسى. ئۈگىنىش گۇرۇپپىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر كۆز قاراش، ئېتىقاد، مەسلەك بويىچە ئۇيۇشقان شەخسلەر كوللېكتىپى؛ مەزھەپ.
دىنىي گۇرۇھ. ئەكسىيەتچىل گۇرۇھ.