Chinese→Uyghur主要词典
果月十八日政变
دۇنيا تارىخى
مېۋە پىشىقى ئېيىنىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش
فرانسىيە تەپتىش ھۆكۈمىتىدىكى جۇمھۇرىيەتچى تەپتىش ئەمەلدارلىرى مۇنارخىستلارنىڭ تىرىلىش ھەرىكىتىنى باستۇرۇغان سىياسىي ئۆزگىرىش. ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ 5-يىلى مېۋە پىشىقى ئېيىنىڭ 18-كۈنى (1797-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى) يۈز بەرگەچكە، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەپتىش ھۆكۈمەت بابېف باراۋەرچىلەر قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، مۇنارخىستلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان. 1797-يىلى 5-ئايدىكى سېنات ۋە 500 كىشىلىك پالاتا سايلىمىدا مۇنارخىستلار غەلىبە قىلغان. قاچقۇن ئاقسۆڭەك، گراف ئارتۇۋا بىلەن ئالاقىس قويۇق بولغان پىشېگرو (1761 - 1804) 500 كىشىلىك پالاتانىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان؛ مۇنارخىسىت باربې ماربوئىس (1745 - 1837) سېنات باشلىقلىقىغا سايلانغان؛ مۇنارخىستلارغا ھېسداشلىق قىلغان بارتېلېمى (1747 - 1830) تەپتىش ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. مۇنارخىستلار كونتروللۇقىدىكى ئىكى پالاتا مىسسىئونېر ۋە قاچقۇنلارنى كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىنى تۈزگەن ھەمدە ھۆكۈمەتتىكى جۇمھۇرىيەتچى مىنىستىرلارنى يەڭگۈشلەشنى تەلەپ قىلغان. مېۋە پىشىقى ئېيىنىڭ 17-كۈنى، ئىكى پالاتا قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋلېىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. 18-كۈنى سەھەردە جۇمھۇرىيەتچى تەپتىش ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بارراس، لارېۋېللېرې - لېپېئائۇكس 1753 - 1824( ۋە رېۋبېل )1747 - 1807( قاتارلىقلار گېنېرال ئاۋگېربائو )1757 - 1816( قوماندانلىقىدىكى ئارمىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. ئۇلار پىشېگرو، بار تېلېمى ۋە پادىشاھپەرەسلەرنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنى قولغا ئالغان. ئەتىسى مايدىكى سايلامنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ، 177 نەپەر مۇنارخىست پارلامېنت ئەزاسىنى ئىككى پالاتادىن قوغلاپ چىقىرىپ، 53 كىشىنى فرانسىيىگە قاراشلىق گىۋىئاناغا سۈرگۈن قىلغان. كېيىن يەنە قاچقۇن ئاقسۆڭەكلەر ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۈچى مىسسىئونېرلارغا پايدىلىق بولغان بارلىق پەرمانلارنى ئەمەلدىن قادلۇرغان. جۇمھۇرىيەت يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.