Chinese→Uyghur主要词典
国民激进联盟
دۇنيا تارىخى
خەلق رادىكاللار ئىتتىپاقى
گرېتسىيىدىكى پارتىيە. 1956-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان، تەكتى گرېتسىيە خەلق ئىتتىپاقى. چوڭ پومېشچىك، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. رەئىسى كارمانلىس (1907 -).1956،1958-ۋە 1961-يىللىرى ئۈچ قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1963-يىلى 11-ئايدا پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتتىكى ئورنى تېز ئازىيىپ كەتكەن ھەم پادىشاھ بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولۇپ كارامانلىس چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىتتىپاققا كانېللپولوس رەھبەرلىك قىلغان. 1967-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ئىتتىپاق تارقىتۋېتىلگەن ئىتتىپاق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە سىپرۇس مەسلىسىدە ئەپلىشىپ قېلىشنى، تۈركىيە،ئەنگىلىيە، ئامىرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان ئىچكى جەھەتتە پۇنىڭ پاخاللىشىشىنى چەكلەش ۋە ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان.