Chinese→Uyghur主要词典
国际劳动节
دۇنيا تارىخى
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى
قىسقارتىلىپ <1 - ماي بايرىمى>، <ئەمگەكچىلەر بايرىمى> دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتى ۋە ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان بايرىمى. 1866 - يىلى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ جەنۋە قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش رەسمىيىتى ئارقىلىق ئىش كۈنىنى 8 سائەت قىلىپ چەكلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان. 1886 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى 350 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلاپ ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشنى، 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىشچىلار ئەكسىيەتچى ئارمىيە ۋە ساقچىلار بىلەن ئېلىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاخىرى 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرلەش، ئامېرىكا ئىشچىلار بىرلەشمىسى ئالدىنئالا بەلگىلىگەن 1890 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنى قوللاش ئۈچۈن، 1889 - يىلى 7 - ئايدا پارىژدا چاقىرىلغان ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئىككىىنچى يىلى 5 - ئاينىڭ1 - كۈنى ھەر قايسى ئەللەردە ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشىنى قارار قىلغان ھەمدە بۇ كۈننى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى قىلىپ بەلگىلەپ، <پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىش> تىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈچنى نامايەن قىلغان. 1890 - يىل 5 -ئاينىڭ 1 - كۈنى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار تارىختا تۇنجى ئاممىۋى خاراكتىردىكى <1 - ماي> چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، پۈتۈن دۇنيا ئەمگەكچى خەلقلىرى ھەريىلى بۇ كۈندە ئۆزىنىڭ بايرام كۈنىنى خاتىرىلىگەن. 1920 - يىلى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى بىرىنچى قېتىم خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىشلار كېڭىشى 1949 - يىلى 12 - ئايدا، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى ئەمگەكچىلەر بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.