Chinese→Uyghur主要词典
国际反法西斯联盟
دۇنيا تارىخى
فاشىزمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق
(1) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا فاشىستىك ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات. گېرمانىيە، پولشا ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكى ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 1933 - يىل 6 - ئاينىڭ 4، 6 - كۈنلىرى پارىژدا قۇرۇلۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن 3500 ۋەكىل قاتناشقان، يىغىندا ياۋرۇپا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتىتى سايلاپ چىقىلغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا ئىتتىپاق <جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاق> بىلەن بىرلىشىپ نامىنى <ئۇرۇشقا ۋە فاشزمغا قارشى ئىتتىپاق>قا ئۆزگەرتكەن. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدىغان باشقا دۆلەتلەر تۈزگەن فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپ. 1942 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 26 دۆلەت ۋاشىنگتوندا <ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلغان، بۇ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 1942 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن سوېت ئىتتىپاقى <گىتلېر گىرمانىيىسى ۋە ئۇنىڭ ياۋرۇپادىكى قولچۇماقلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىتتىپاق ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامە>نى ئىمزالىغان. 1942 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى،ئامېرىكا بىلەن سوېت ئىتتىپاقى <ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىش پرىنسىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم> نى ئىمزالىغان. كېيىنكى تېھران يىغىنى، يالتا يىغىنى، پوتىسدام يىغىنىدا فاشىزمغا قارشىئىتتىپاق تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن ۋە راۋاجلانغان. ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئۇرۇش قىلىش مەقسىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىر زىددىيەت ۋە كۈرەش مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. لېكىن دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى كۈچلەرنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ، فاشىست تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇپ، ئاخىر گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.