Uyghur主要词典
گۇناھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
«گۇنەھ» كە قاراڭ:
تەۋبە ئوت، رەھمەتى ھەق بىرلە ئوتۇن بارچە گۇناھ،
تەۋبە رەھمەت ئوتىنىڭ شەرھىدە قىلسۇن نە ئىلاج،
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇن - ئىنتىزام، ئەردەم - ئەھكام، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنغا خىلاپ ئىش - ھەرىكەت. «تسۇي» خەنزۇچە: 罪
روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ باراتتا. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس. كورنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس. كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە، ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە. ئازمىغان جىنايەتتىن خالىي بولار. مەرد بولساڭ، ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت، قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ - جىنايەت. ئالەمنى ياپالىغان جىنايتىنى ياپالار. قىلمىشىغا يارىشا جازا. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە توۋا قىلمايسەن. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، ئەر يازۇقسۇز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەقىدىلەرگە خىلاپ، ئەدەپ - ئەخلاق دائىرىسىدىن چەتنىگەن ئىش، ھەرىكەت.
بەرگەن خۇداغا يېقىن، بەرمىگەن گۇناھقا يېقىن (ماقال).
جىنايەت، خاتالىق.
گۇناھىنى يۇماق. گۇناھىدىن ئۆتمەك. گۇناھىنى تىلىمەك.