Uyghur主要词典
گۇلگەشت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۇلباغ، گۈزەل جاي، گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن كەڭ تاماشىگاھ:
ئابى رۇكناباد، گۇلگەشتى مۇسەللا سەھل ئېرۇر،
خۇلد دىن ئەفزۇن تۇمەن مىڭ لالەزارى كاشغەر.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈللىرى ئېچىلىپ تۇرىدىغان تاماشا گاھ، گۈزەل جاي؛ گۈلزارلارنى تاماشا قىلماق.