Uyghur←Chinese主要词典
گۇلارت
دۇنيا تارىخى
古拉特
gǔ lā tè
(1918 - 1976 - يىللار)؛ برازىلىيە زۇڭتۇڭى (1961 - 1964). كېلىپ چىقىشى چوڭ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى. ئادۋوكات بولغان. 1945 - يىلى برازىلىيە لىيبورىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، 1951 - يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر پارتىيىنىڭ داھىيىسى بولغان. 1946 - 1950 - يىللىرى رىئوگراندى دوسول شتاتى قانۇن تۇرغۇزۇش مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1950 - يىلى برازىلىيە پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1953 - 1954 - يىللىرى ۋارگاس ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1955 - 1961 - يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1961 - يىلى كۇادروس (1917 - ) زۇڭتۇڭ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىل ئىچىدە چەكلىك يەر ئسىلاھاتى، خۇسۇسىيلار ماي ئايرىش زاۋۇتلىرىنى ئىشلىتىش، دۆلەت ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىتنى مونوپول قىلىش ۋە تاشقى مەبلەغ پايدىسىنى چەتكە چىقىرشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. 1964 - يىلى 4 - ئايدا ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇراگۋايدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1973 - يىلى ئارگېنتىنانىڭ شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.