Uyghur主要词典
گۈلشەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۈللەر تېرىلغان، ئۈنگەن، ئۆسكەن يەر.
گۈللۈكتە ئوينىسا كىشى، چىمەن باغلىسا كىشى. گۈلزاردا ئەتىرنىڭ قەدىرى بولماس. گۈلچىگە يېقىملىق بوستان - گۈلزار، ئوتۇنچى كۆڭلىنى قىلار تىكەنزار. گۈلشەن بۇلار قاقاس چۆل، كۆچەت تىكىپ، تېرىسا گۈل. زېمىن باشتىن ئاياغ گەر لالىزاردۇر. يالىڭاياغ يۈرمە، تىكىنى باردۇر. دىل ھىممىتىڭدىن ھايات گۈلىستان، قول قۇدرىتىڭدىن ھەممە ياق بوستان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
گۈلزار، چىمەنزار، گۈللۈك، چىمەنلىك.
باغۇبوستان ئىچىدە يايرىسۇن كۆڭۈل. قانات قېقىپ گۈلشەندە، سايرىسۇن بۇلبۇل.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
گۈلشەنقىز، گۈلشەنخان، گۈشەخان، گۈشەقىز
گۈللۈكلەر، گۈلشەندىكى بىر تال گۈل
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
ئۆمرى گۈلزاردەك ئاۋات، زىننەتلىك بولسۇن؛ شات-خورام بولۇپ ئۆسسۇن، دېگەن مەنىدە.