Uyghur主要词典
گۈل كاسىسى
بىئولوگىيە
گۈلنىڭ ئەڭ سىرتىدا ھالقىسىمان ئۆسكەن گۈل يوپۇرمىقى، شۇنداقلا گۈلنى تۈزگۈچى قىسىملارنىڭ بىرى، گۈل كاسىسى گۈل كاسىسى ياپراقچىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىدىن ئىبارەت. ھەر بىر گۈل كاسا ياپراقچىسى بىرتال ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق بولۇپ، ئادەتتە يېشىل كىچىك يوپۇرماقسىمان بولىدۇ، سانى ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. ياپراقچىلىرى ئۆزئارا ئايرىلىپ ئۆسكەن گۈل كاسا ياپراقچىلىرى بىرلەشمىگەن گۈل كاسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قىچا. كاسا ياپراقچىلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتكەنلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن گۈل كاسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، سويا پۇرچاق. گۈل كاسىسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قوشۇلۇپ كەتكەن قىسمى گۈل كاسا نەيچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل كاسا نەيچىسىنىڭ قىسمەن ئورنى ئۇزىراپ تۇيۇق نەيچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ دوكۇر دەپ ئاتىلىدۇ. گۈل كاسىسى ئادەتتە گۈل ئېچىلغاندىن كېيىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. مېۋە پىشقانغا قەدەر ساقلىنىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ ساقلىنىپ قالىدىغان گۈل كاسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، پېدىگەن، پەمىدۇر، مۇخ، ئەبنۇس قاتارلىقلار. گۈل كاسىسى گۈلنى ئوراپ تۇرىدۇ. گۈل كاسىسى دەسلەپكى مەزگىلدە گۈل بىخىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. يېشىل رەڭلىك گۈل كاسىسى فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ. بەزى گۈل كاسىلىرى چوڭ، رەڭلىك بولۇپ، گۈلتاجىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق گۈل كاسىسى ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ چاڭ تارقىتىدۇ. مەسىلەن، ماڭدار، گۈلچىمەن، ساقلىنىپ قالىدىغان گۈل كاسىسى مېۋىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك رول ئوينايدۇ. ئوسۇڭ، مامكاپ قاتارلىقلارنىڭ گۈل كاسىسى تاجىسىمان تۈككە ئايلىنىپ مېۋىنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.