Uyghur主要词典
گۈل چېڭى يېتىلەلمەسلىك
بىئولوگىيە
گۈل چېڭىنىڭ يېتىلىشى نورمالسىز بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېتىلمەيدىغان گۈل چېڭى ھاسىل بولۇش ھادىسىسى. گۈل چېڭى يېتىلەلمەسلىك ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىدا سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش جەريانىدا، تۆت بۆلەك تەنە، كىچىك سپورا، ئاتىلىق گامېتا قاتارلىقلاردا ھاسىل بولغان گۈل چېڭىنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي پۈرۈك ياپىلاق بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ پەقەت گۈل چېڭى پوستى بولۇپ، پروتوپلازمىسى بولمايدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ پروتوپلازمىسى بولسىمۇ كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. گۈل چېڭى يېتىلەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ؛ گېنېتىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياكى خروموسوملار گۇرۇپپىسىنىڭ نورمالسىز بولۇشىدىن (مەسىلەن، يىراق شالغۇت، يەككە ھەسسىلىك تەنە، كۆپ ھەسسىلىك تەنە، پۈتۈن ھەسسىلەنمىگەن تەنە، خروموسومىنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار)، ياكى يېتىلمەيدىغان گېننىڭ تەسىرىدىن، ياكى بولمىسا ستوپلازمىنىڭ تەسىرىدىن (ستوپلازمىنىڭ ئاتىلىقى يېتىلمەسلىك) بولىدۇ، مۇھىت جەھەتتىن ئېيتقاندا، سۇ يېتىشمەسلىك، زىيادە يۇقىرى ياكى زىيادە تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يورۇتۇش ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىق، مۇھىت بۇلغىنىش، خىمىيىلىك دورىلار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئېھتىمالى بولغان سەۋەبلەردۇر. گۈل چېڭى يېتىلەلمەسلىك زىرائەت مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى شالغۇتنىڭ يېتىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پايدىسىز ئامىل. بىراق ئاتىلىقى يېتىلمەسلىك سىستېمىسى شالغۇت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ.