Chinese→Uyghur主要词典
固氮作用
بىئولوگىيە
ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش
ئاتموسفېرادىكى مولېكۇلا ھالەتتىكى ئازوتنىڭ بەلگىلىك شارائىتتا ئوكسىدسىزلىنىپ ئاممىياكقا ئايلىنىش جەريانى. بۇ جەرياننى ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىچىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى بېسىم ئاستىدا نىئورگانىك كاتالىزاتورلارنىڭ تەسىرىدە ئېلىپ بارغىلىمۇ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا ۋە بېسىمدا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى مىكرو ئورگانىزملار ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلىمۇ بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئازوتنى سانائەتتە تۇراقلاشتۇرۇش، كېيىنكىسى ئازوتنى بىئولوگىيىلىك تۇراقلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئازوتنىڭ ئايلىنىشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئازوتنى بىئولوگىيىلىك تۇراقلاشتۇرالايدىغان باكتېرىيىلەردىن كۆپ باكتېرىيە، ئوكسىگېن خالىمايدىغان پاستېرېللار مۇكا باكتېرىيىسى، ئىككى خىل ئوزۇقلىنىدىغان كېر ئۆپكە ياللۇغى تاياقچە باكتېرىيىسى، ئوكسىگېن خالايدىغان قوڭۇر رەڭلىك ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە قاتارلىقلار بار. بۇلار ئازوتنى مۇستەقىل ياشاپ تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيىلەر. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاپ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان باكتېرىيىلەرمۇ بار. مەسىلەن، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسى قاتارلىقلار. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر ئاساسەن ھۈجەيرىسى ئىچىدىكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم (گىد روگېنازا) ئارقىلىق ئازوت مولېكۇلىسىنى ئوكسىدسىزلاپ ئاممىياكقا ئايلاندۇرىدۇ.
خىمىيە
gù dàn zuò yòng
ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىDباغۋەنچىلىك
gù dàn zuò yòng
ئازوت تۇراقلاشتۇرۇش رولىDئۇنىۋېرسال
gù dàn zuò yòng
ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى
Dئۆسۈملۈك
gù dàn zuò yòng
ئازوتنىڭ تۇراقلاندۇرۇلۇشى